
«كەنتىمىزنىڭ ناخشىسى» تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ياڭرىدى


8-ئاينىڭ 21-كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 2026-يىللىق «گۈزەل يۇرت . بەختلىك سانجى» ئومۇمىي خەلق سالاپىتىنى نامايان قىلىش مۇسابىقىسىنىڭ ئۇسسۇل تۈرى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى شىنجاڭ چوڭ تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە: ئويۇن قويۇش نەق مەيدانى. خې لۇڭ فوتوسى
8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى كەچتە، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) دالۈگۇ ئېكولوگىيە باغچىسىدا چىراغ نۇرلىرى چاقناپ، ناخشا سادالىرى ياڭراپ تۇراتتى. ئىككى كۈن داۋاملاشقان ئاپتونوم رايوننىڭ 2026 - يىللىق «يېڭى دەۋرنى كۈيلەيلى . جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرايلى —— كەنتىمىزنىڭ ناخشىسى» تېمىسىدىكى ئاممىۋى ناخشا ئېيتىش پائالىيىتىنىڭ مەركەزلىك كۆرىكى بۇ يەردە ئاياغلاشتى. 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)تىن قاتلاممۇقاتلام تاللاپ چىقىلغان 22 ئاساسىي قاتلام نومۇرى ئارقا - ئارقىدىن سەھنىگە چىقتى، ئارتىسلار ئاددىي ئاۋازى بىلەن نەق مەيداندىكى كۆرۈرمەن، تاماشىبىنلارغا يەرلىك پۇراققا، قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن بىر مەيدان ئاممىۋى مەدەنىيەت كاتتا مەرىكىسىنى سۇندى.
بۇ قېتىملىق كەنتنىڭ چوڭ - كىچىك كوچىلىرىدىن ئېيتىلىپ شەھەر باغچىلىرىغا كەلگەن ناخشا ئېيتىش كاتتا مەرىكىسى دەل شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقىنى جانلىق ئىزاھلىدى. بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ كۆزلەپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈپ، بايلىقنى ئاساسىي قاتلامغا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇلازىمەتنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزدى، كىتاب ئوقۇش ماركىسى بارغانسېرى جۇلالاندى، ئاممىۋى پائالىيەتلەر بارغانسېرى جانلاندى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.
مەدەنىيەت ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈلدى
«جۇبەن چالدۇق تاققىر - تاق، ھايات رەڭدار ئويلىنىپ باق، ۋاقىت ئۆتىدۇ شۇنچە تېز، بىكار ئۆتكۈزمە بىراق، كۆڭلى كەڭلىك ساغلاملىق، ياخشى رېتسېپ ھەممە ۋاق...» 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ماناس ناھىيەسىنىڭ لوتۇيى بازىرى جېڭجياجۇاڭ كەنتىدىكى ياشانغانلارنىڭ غىزالىنىشىغا ياردەم بېرىش نۇقتىسىنىڭ ھويلىسىدا، 70 ياشلىق خۇي شىجۈەن جۇبەن چالغاچ، ئۆزى تەييارلىغان كۇەيبەننى ئېيتىۋاتاتتى، كەنت ئاھالىلىرى ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختىشاتتى. بۇ يەر ھەم ياشانغانلارنىڭ غىزالىنىشىغا ياردەم بېرىش نۇقتىسى، ھەم كۆپچىلىك نومۇر ئورۇنلايدىغان، مۇڭدىشىدىغان كىچىك سەھنە ئىدى.
بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ شەھەر - يېزىلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇلازىمىتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلىدى. ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاممىۋى كۇتۇپخانىدىن 111ى، مەدەنىيەت سارىيىدىن 118ى، يېزا - بازارلىق مەدەنىيەت پونكىتىدىن 1126سى قۇرۇلدى، مەدەنىيەت ھويلىسى ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسىدىن 598ى ئىجادىي بەرپا قىلىندى، كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت سارىيى شۆبە سارىيىدىن 2632سى قۇرۇلدى، يېڭىچە ئاممىۋى مەدەنىيەت بوشلۇقىدىن 450ى بارلىققا كەلتۈرۈلدى. «ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت بەش دەرىجىلىك ھەمتۈرتكە بولىدىغان زامانىۋى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى قاپلىتىلىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇش پۇختا بازا تىرىكى بىلەن تەمىنلەندى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ئاممىۋى مۇلازىمەت باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لو جىڭ.
بازا بار بولدى، ئۇنى يەنە جانلاندۇرۇش كېرەك. بۇ يىل، قىسمەن ئاممىۋى مەدەنىيەت مەيدان - سارايلىرى كېچىدە ئېچىۋېتىش، ۋاقىتنى ئۇزارتىپ مۇلازىمەت قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇپ، مۇلازىمەت ۋاقتىنى ئامما ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىنكى، دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش بولمىغان مەزگىلىدىكى بوش ۋاقىتلارغا دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇردى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۇتۇپخانا، مۇزېيلار تاقاش ۋاقتىنى كېچىكتۈردى، شەھەر ئاھالىلىرى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن يولدىن ئۆتكەچ كىتاب ئوقۇدى، كۆرگەزمە كۆردى؛ سانجى شەھەرلىك مەدەنىيەت سارىيى مەدەنىيەت كەچلىك مەكتىپى ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق بويىچە تەربىيەلەش سىنىپلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئۇسسۇل، خەتتاتلىق، چالغۇ دەرسلىرىنى ھەقسىز ئېچىۋەتتى، ئامما ئىشىكى ئالدىدىلا مەدەنىيەت مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدىغان بولدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت باشلامچىلىرى، مەھەللە ئەدەبىيات - سەنئەت تايانچلىرى ۋە خەلق ئىچى ئەدەبىيات - سەنئەت كۇرۇژۇكلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ، ئامما ئۆز ئالدىغا پىلانلايدىغان، ئۆز ئالدىغا قانات يايدۇرىدىغان، ئۆز ئالدىغا باشقۇرىدىغان يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى «يەككە يۆنىلىشلىك يەتكۈزۈش»تىن «كۆپچىلىك بىرلىكتە ئۆتكۈزۈش»كە ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلام مەدەنىيىتىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قەدەممۇقەدەم قوزغاتتى.
ماركا پائالىيەتلىرى سىجىل جانلاندى
9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى كەچتە، چوڭ تىپتىكى ئەسلىي ئىجادىيەت ئۇسسۇللۇق تىياتىرى «جاڭ چيەن» خوتەن كىنو - تىياتىرخانىسىدا قويۇلدى، نەق مەيداندا ئالقىش سادالىرى ئارقا - ئارقىدىن ياڭرىدى. بۇ مەيدان ئويۇن 2026 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ لاتارىيە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق فوندى ئارقىلىق ئەدەبىيات - سەنئەت ئېسىل نومۇرلىرىنى ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق بويىچە سەييارە قويۇش تۈرىگە مەدەت بېرىشكە تايانغان بولۇپ، شىنجاڭ سەنئەت ئورنى ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكى بۇ يىل باشلىغان 2 - قېتىملىق ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەردە سەييارە قويۇش ھېسابلىنىدۇ. «ئېسىل نومۇرلارنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈشتىكى مەقسەت ھەر مىللەت ئاممىنى ئىشىك ئالدىدىلا يۇقىرى سەۋىيەلىك سەھنە ئەسەرلىرىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت.» ئۆمەك باشلىقى ياسىنجان مەمەت مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە تۇرمۇشقا يېقىن تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلەرنى يارىتىپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى تېخىمۇ جانلىق سۆزلەيمىز.
ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق بەرپا قىلغان دائىملىق ئاممىۋى مەدەنىيەت ماركىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «كەنتىمىزنىڭ ناخشىسى» باشلىنىشىدىلا سەھنىنى ئاممىغا تاپشۇرۇپ بەردى. لوپنۇر ناھىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى «لوپنۇر ئۇيغۇر خەلق ناخشىسى»نى ناخشا «قىزىل گۈلۈم»گە سىڭدۈرۈپ ئورۇنلىدى، مېلودىيە ياڭرىشى بىلەن تۆۋەندە ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى؛ چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى قاينۇق بازىرىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى دۇتار، تەمبۇر، داپلىرىنى چېلىپ، ئەنئەنىۋى مىللىي چالغۇلار بىلەن قىزىل مېلودىيەنى ئۆزئارا يۇغۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشتەك سەمىمىي يۈرەك ساداسىنى ياڭراتتى.
«بۇ يىل 4 - ئايدا باشلانغان <كەنتىمىزنىڭ ناخشىسى> ئاممىۋى ناخشا ئېيتىش پائالىيىتىدە كەنت، يېزا، ناھىيەدىن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگىچە، تۆت دەرىجە قاتلاممۇقاتلام تاللاش ئالغا سىلجىتىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە جەمئىي 400 مەيدان قېتىمدىن ئارتۇق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى، 1700دىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام ئەترەتلىرى، 46 مىڭدىن ئارتۇق ئامما بۇنىڭغا قاتناشتى.» شىنجاڭ مەدەنىيەت سارىيىنىڭ باشلىقى جوۋ ۋېنلياڭ مۇنداق دېدى: تۆۋەندىن يۇقىرىغىچە ئاممىۋى ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت ماركىسى سىجىل جۇلالاندۇرۇلۇپ، ئەلا سۈپەتلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت بايلىقىنىڭ يېزا - كەنتلەرنىڭ بىرىنچى سېپىگە يەتكۈزۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇنۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشى بېيىتىلدى.
كىتاب ئوقۇش كەيپىياتى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ئەڭ تەسىرلىك ئاساسىي رەڭ بولۇپ قالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ «كىتابخۇمار شىنجاڭ» قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى قۇرۇپ، تەشۋىقات تارماقلىرى، مائارىپ تارماقلىرى، مەدەنىيەت - ساياھەت تارماقلىرى قاتارلىق كۆپ تارماق ھەمتۈرتكە بولۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، «1+14+N» يۈرۈشلۈك كىتاب ئوقۇش ماركا سىستېمىسى، «تىيانشاندا كىتاب ئوقۇش . شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەت قىلىش» «كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇش بىلەن ئۇچرىشىش» «166.49 بىز بىرلىكتە كىتاب ئوقۇيلى» قاتارلىق بىر تۈركۈم خاسلىققا ئىگە كىتاب ئوقۇش پائالىيەتلىرىنى بەرپا قىلىپ، كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىنى شەھەر - يېزىلارنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغىچە يەتكۈزدى.
سەھنىدە ئامما باش رول ئالدى
9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى كەچتە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرىكى «گۈزەل يۇرت، رەڭدار بايىنغولىن» چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ 100 كۈنلۈك مەدەنىيەت مەيدانىدا قاينام - تاشقىنلىق ئىچىدە باشلاندى. بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى سەككىز ناھىيە، بىر شەھەردىن كەلگەن توققۇز يېزا - كەنت ئەدەبىيات - سەنئەت ئەترىتى نۆۋەت بىلەن سەھنىگە چىقىپ، ناخشا - ئۇسسۇل ئورۇنلاپ، ئېتۇت ئويناپ، مودېل ماڭدى... ھەممىسى پۇقرالار ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان نومۇرلار بولۇپ، سەھنىنىڭ تۆۋىنى خەۋەرنى ئاڭلاپ يېتىپ كەلگەن ھەر مىللەت ئامما بىلەن لىق تولدى، شادلىق سادالىرى، ئالقىشلار ئۈزۈلمىدى.
ئاممىۋى مەدەنىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچى ئەزەلدىنلا ئاممىنىڭ ئۆزىدىن كېلىدۇ. بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار ئاممىغا يېقىن ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى سىجىل بەرپا قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى يېتەكچىلىك قىلغان، ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) لىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈملىرى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن «گۈزەل يۇرت» ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ئاممىنىڭ باش رول ئالغانلىقى بولدى. كۆرەكتە، ھەر مىللەت ئامما قالتىس نومۇرلىرى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى ئەدەبىيات - سەنئەت قوشۇنىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى نامايان قىلدى.
«گۈزەل يۇرت، ماي بوياق رەسىمىدەك تارباغاتاي» ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرىكىنىڭ باش رېژىسسورى چېن يۆ مۇنداق تونۇشتۇردى: پائالىيەت پىلانلانغان دەسلەپكى مەزگىلدىلا «ئامما تەييارلاش، ئامما ئورۇنلاش، ئامما شادلىنىش» ئاساسىي رىتىمى بېكىتىلگەنىدى، ئويۇن قويۇشقا قاتناشقان خادىملارنىڭ كۆپ قىسمى دېھقان - چارۋىچىلار، مەھەللە ئاھالىلىرى بولۇپ، ئورۇنلانغان نومۇرلار ئەتراپىدىكى ئىشلار ئىدى. ئىلگىرى سەھنىگە چىقىپ باقمىغان نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى كۆرەك ئارقىلىق شۇ جايدىكى خېلى نامى بار ئەدەبىيات - سەنئەت تايانچلىرىغا ئايلاندى، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتقان بىر تۈركۈم ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيەتچىلىرى، ئورۇنلاش ئىختىساسلىقلىرىمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆسۈپ يېتىلدى.
9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، «داپ چېلىپ ناخشا ئېيتايلى» 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلق ئىچى سەنئەت پەسلىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى (خەلق ئىچى مۇزىكا تۈرى) قارامايدا ئۆتكۈزۈلدى. پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرىدىن كەلگەن خەلق ئىچى مۇزىكىسىدىن 40 ئېسىل نومۇر نېفىت شەھىرىگە جەم بولۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى تەسىرلىك مېلودىيەلەرنى ياڭرىتىپ، شىنجاڭ خەلق ئىچى مۇزىكىسىنىڭ ئۆزگىچە جەلپ قىلىش كۈچىنى مەركەزلىك نامايان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، خەلق ئىچى ئۇسسۇل تۈرىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى كۇچا شەھىرىدە، خەلق ئىچى چۈيى تۈرىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى فۇكاڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، مۇسابىقە ھەم خەلق ئىچى ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيىتىگە تۈرتكە بولدى، ھەم ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت سەنئەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
تىيانشان ئېتىكىدىن تارىم دەرياسى بويىغىچە، شەھەرلەردىكى كۇتۇپخانىلاردىن يېزا - كەنت مەدەنىيەت چوڭ قورۇلىرىغىچە، ئەتراپتا قۇرۇلغان ھەربىر بازىلار، ئامما باش رول ئالغان مەيدان - مەيدان پائالىيەتلەر ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت بايلىقىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدۇردى، ھەمدە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىمۇ ئەمەلىي بۇيۇم، ئەمەلىي كۆرۈنۈش، ئەمەلىي ئىش ئارقىلىق كىشىلەر قەلبىگە بىۋاسىتە يەتكۈزدى. لو جىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: كېيىنكى قەدەمدە، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، باراۋەر بولغان، شەھەر، يېزا بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن، ھاياتىي كۈچكە تولغان زامانىۋى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى سىجىل تاكامۇللاشتۇرۇپ، دائىملاشقان مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، ماركىلاشقان ئاممىۋى پائالىيەت، چۆكۈش شەكلىدە قاتنىشىپ ھېس قىلىش ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغايمىز. يۇقىرى سۈپەتلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ئارقىلىق شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولىمىز. (جيا چۈنشيا)




